خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى 24-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، دۇنيا مىقياسىدا يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 2025-يىلى رېكورت ياراتقان يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. دۇنيا پاكىز ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشنى تېزلىتىۋاتقانلىقتىن، تۆۋەن بۇلغىما ئېنېرگىيە كېيىنكى ئۈچ يىلدا دۇنيا مىقياسىدا يېڭى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
«2024-يىللىق ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى» ناملىق دۇنيا ئېلېكتىر بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سىياسىتى توغرىسىدىكى يىللىق ئانالىز دوكلاتىدا، 2025-يىلغا بارغاندا، فرانسىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى، ياپونىيەدىكى بىر قانچە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ قايتا ئىشلىشى ۋە بەزى دۆلەتلەردە يېڭى رېئاكتورلارنىڭ سودا ئىشلىتىشكە كىرىشى بىلەن، دۇنيا يادرو ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.
دوكلاتتا 2025-يىلىنىڭ باشلىرىغا بارغاندا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە كۆمۈردىن ئېشىپ، دۇنيا ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېيتىلدى. 2026-يىلغا بارغاندا، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تۆۋەن قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ دۇنيا ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ئىگىلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
دوكلاتتا، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبىدىن، دۇنيا مىقياسىدا توك ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى 2023-يىلى ئازراق ئاستىلاپ، %2.2 كە چۈشىدىغانلىقى، ئەمما 2024-يىلدىن 2026-يىلغىچە، دۇنيا مىقياسىدا توك ئېھتىياجىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە %3.4 ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 2026-يىلغا بارغاندا، دۇنيا مىقياسىدا توك ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەخمىنەن %85 ى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇدىرى فاتىھ بىرول، ھازىر ئېلېكتر ئېنېرگىيە سانائىتى باشقا كەسىپلەرگە قارىغاندا كۆپرەك كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ تېز ئېشىشى ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇقىم كېڭىيىشى كېيىنكى ئۈچ يىلدا دۇنيانىڭ يېڭى ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى